"يەلتاپان" ئۇيغۇرچە خەۋەرچى سىستىمىسى توغرىسىدا


كۆرۈۋاتقىنىڭېز يەلتاپان ئۇيغۇرچە خەۋەرچى سىستىمىسىنىڭ ئاساسى تور بىتى. بۇ خەۋەرچى (messenger) سىستىمىسى ئۇيغۇرچە ئالاقىلىشىش قۇراللىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن پىلانلاندى. ئاساسى ئقىدارىنى Yahoo Messenger بىلەن ئوخشاش قىلىش نشانلانماقتا. بارلىق جەھەتلەردە ئىمكان قەدەر ساپ ئۇيغۇرچە چىقىرىشقا تىرىشىمىز.

ئۇيغۇرچە يۇمشىاق دىتاللىرنىڭ سۈپىتىنى كۆتۈرۈش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە كۆپ قىسىم كۆمپىيوتىر ھەۋاسكارلىرنىڭ ئۇمىدىگە ئاساسەن بۇ تۈرنىڭ بارلىق ئەسلى كۆدىنى باشتىن - ئاخىر ئوچۇق - ئاشكارا ئوچۇق ئىلان قىلىش ۋە تارقىتىش قارار قىلىندى. ئەگەر يىتەرلىك بىلىمى بار قىزىققۇچىلار بولسا، بۇ تۈرگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلسا قارشى ئالىمىز. تۈر تارقىتىلىش ئۇسۇلى ۋە كىنشكە شەكلى باشقا ئوچۇق مەنبەلىك (Open-source) تۈرلەرگە ئوخشاش بولىدۇ (BSD ياكى GPL).

بۇ تۈر تېخى يېڭىدىن باشلاندى. بىرىنچى نۇسخىسىدىن باشلاپ ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇلىنىشى بىرىلىدۇ. تۈرنى ئېچىشقا قىزىقدىغانلار ئۈچۈن ئەسلى كود ۋە مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈش ماتىرىياللىرى باشتىن تارتىپ توردا ئوچۇق قويۇلىدۇ. كەڭ ئىشلەتكۈچى ۋە ھەۋاسكارلارنىڭ پىكىر - تەلەپلىرى ۋە ئارزۇ - ئۇمىدلىرىنى بىلدۈرۈشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بۇ مەقسەت ئۈچۈن pikir@yulghun.com دىگەن ئادىرىسقا مەكتۈپ يوللىسڭېز بولىدۇ.