ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ ﯻﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯨﺘﺎﻟﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﻟﯘﻏﻪﺕ | ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﻛﯚﭖ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ.


ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ-ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﻟﯘﻏﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﻛﯚﭖ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭺ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻗﻮﺵ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯜﭺ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﻠﯩﺸﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺟﻪﻣﺌﻰ 9 ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 8 ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﻧﺪﻯ:

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ-ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ»، «ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ-ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ»، «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ-ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ»، «ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ-ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ»، «ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ-ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ»، «ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ-ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ»، «ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ-ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ» ﯞﻩ «ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ-ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ».

ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ-ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ» ﻟﯘﻏﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﭖ ﺳﯚﺯ 29,000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ، ﺳﯚﺯ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﻰ 39,000 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ. ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩ 68,000 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ.

«ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ-ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ» ﻟﯘﻏﻪﺕ «ﺋﯩﺮﭘﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ» ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻧﺪﻯ. ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﺳﺎﻧﻰ 46,000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺮﭘﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ.

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ-ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ» ﯞﻩ «ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ-ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ» ﻗﻮﺵ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻟﯘﻏﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭼﻪﻙ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ» ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ-ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ 328,901 ﺩﺍﻧﻪ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ-ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ 385,501 ﺩﺍﻧﻪ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻟﯘﻏﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ.

«ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ-ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ» ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ ﺟﻪﻣﺌﻰ 3 ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﺳﺎﻧﻰ 600,000 ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ. «ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ-ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ» ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺗﯚﺕ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ، ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﺳﺎﻧﻰ 650,000 ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ. «ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ-ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ» ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺋﯜﭺ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ، ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﺳﺎﻧﻰ 120,000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ.

«ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ-ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ» ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ، ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩ ﯞﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺗﯚﺕ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﺳﺎﻧﻰ 200,000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ. ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﻟﯘﻏﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﺘﻪ ﯞﻩ ﺳﯚﺯ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ.

ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ-ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ» ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻖ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ» ﻧﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﺷﻘﺎ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ:

http://lughet.yulghun.com

ﻳﺎﻛﻰ
http://dict.yulghun.com


ﺑﯘ ﺗﻮﺭ ﻟﯘﻏﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﭘﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺳﻮﻓﺖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﻗﺎﺩﯨﺮ، ﻣﻪﻣﯩﺘﯩﻤﯩﻦ (ﺋﻪﻟﻴﺎﺭ) ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺳﯩﻼﻥ (ﺑﯩﻠﯩﻚ) ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭘﺘﯩﻦ-ﻛﯚﭖ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﻪﻥ.

ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﯬﺗﺮﯨﺘﻰ | 2017-2004 © | The Yulghun Team